مىنىڭ شۇنداق ئاتام بار
دىلشات ئابدۇسەمەت
پەرزەنىت ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز تىنماي ئىشلىگەن،
تارتسىمۇ گەر جاپالارنى چىشنى چىشلىگەن.
يەلكىسىدە ئېغىر غەم ئاتتەك كىشنىگەن،
دۇنيالىقتا مىنىڭ شۇنداق ئىسىل ئاتام بار.
چۆل-جەزىرە قۇملۇقلارنى گۈلگە ئورىغان،
خامان تېپىپ ئايدىڭلاردا بۇغداي سورىغان.
يولباش بۇلۇپ قېرىنداشقا نۇردەك يورىغان،
دۇنيالىقتا مىنىڭ شۇنداق ئىشچان ئاتام بار.
بويۇن ئەگمەي ياۋلارغا مەغرۇر ياشىغان،
نۇرغۇن ئۇرۇش جەڭلەردە يوللار باشلىغان.
زەرد ئاچچىقتا دۈشمەنلەرنى يەرگە تاشلىغان،
دۇنيالىقتا مىنىڭ شۇنداق باتۇر ئاتام بار.
كەلسە كۈلپەت مىڭلارچە بىرەر قېتىم چاندۇرمىغان،
يىتىم يىسىر غېرىپنى قۇرۇق قولدا قايتۇرمىغان.
ئۆزگىلەرنىڭ كۆڭلىنى دەپ پەرىشاننى ياندۇرمىغان،
دۇنيالىقتا مىنىڭ شۇنداق سېخىي ئاتام بار.
275 قېتىم كۆرۈلدى | دىلشات ئابدۇسەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-20 18:44:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-21 5:24:26 | سارسان يۇرەك |
بۇ تىماتىما ھاقىقەتەنھاقىقەتەن ياخشىياخشى يىزلىپتۇيىزلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|