ئاكام بار

ئاكام بار

 

ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام

 

ئاكا دىسەم  جان ئۇكام دەپ تۇردىغان ئاكام بار،

ھالىم سوراپ غېمىمنى يەپتۇردىغان ئاكام بار.

ئازاركەلسە كۆڭلۈمگە بىراۋلاردىن بىھۇدە،

سۈرۈشتۈرۈپ مەن ئۈچۈن تەقتۇردىغان ئاكام بار.

 

مۆلدۈرسوقۇپ بېغېىمنى غەم چىرمىسا بېشىمنى،

يانچۇغۇمغا پۇل تېخې سەپتۇردىغان ئاكام بار.

خوشاللىقتىن قايغۇسى تولا ئىكەن ھاياتنىڭ،

مۇشەققەتتە ھەمدەمبوپ يەڭتۈردىغان ئاكام بار.

 

كىرىپ شەيتان كەينىگە ئېزىپ قالسام تۆت بەش كۈن،

توغرايولنى كۆرسىتىپ كەچۈردىغان ئاكام بار.

گۈللەپ كەتسۇن ياشىسۇن بارچە ئېسىل ئاكىلار،

قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزدىغان ئاكام بار .





235 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-23 1:18:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ