نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن
*
ھەبىبى
*
يېرىم دىلغا ئاي بولۇپ تولغىن،
غېرىب باشقا بەخت بولۇپ قونغىن،
نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن،
مەيلى شاھ بول، مەيلى دېۋانە.
*
ئىشق يولىدا يالتىراپ تۇرغىن،
ئىشقى يوقنىڭ قەلبىدىن ئۇرغىن،
نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن،
مەيلى شام بول، مەيلى پەرۋانە.
*
سۆيگۈ قەسرىن گۈلگە ئورىغىن،
تەبەسسۇم قىل، دەردىڭ يوشۇرغىن،
نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن،
مەيلى يار بول، مەيلى يىگانە.
*
ئۆزىنى سۆي، ئۆزگىنى قويغىن،
مەنمەنلىكنىڭ كۆزىنى ئويغىن،
نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن،
مەيلى مەي بول، مەيلى مەستانە.
*
بارلىقىڭنى خۇداغا سۇنغىن،
توغرا يولدا كۆزۈڭنى يۇمغىن،
نېمە بولساڭ ھەق ئۈچۈن بولغىن،
مەيلى جان بول، مەيلى جانانە.
207 قېتىم كۆرۈلدى |
|
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2015-7-31 0:14:10 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-3 2:39:27 |
ھايات يولۇم |
ئېسىل چىقىپتۇ |
2015-7-31 4:48:10 |
ئابلىكىم |
ئوبدان چىقىپتۇ تىرىشىڭ |
2015-7-31 1:03:42 |
ئابدۇرەھــىم |
ياخشى يىزىپسىز ! تىخىمۇ تىرىشىڭ ؛ |
ئىنكاس يېزىڭ