ساڭا مىنىڭ كۆيگىنىم قالدى
مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى
ھەسرەت چىكىپ تارتساممۇ ئازاپ،
يىغلاپلا دەردىڭدە بۇلساممۇ خاراپ.
يۈردۈڭ سەن يەنىلا ئۆزگىنى ماراپ،
ئاقىۋەت ساڭا كۆيگنىم قالدى.
.
ياشلىرىم مىنىڭكى يامغۇردەك ئېقىپ،
دەرتلىرىڭدە باشلىرىم مىنڭمۇ قېتىپ.
پەرىشان بۇلۇپ مەن سۈيىڭدە ئېقىپ،
ئاۋارە بۇلۇپ ساڭا كۆيگىنىم قالدى.
.
جاھاندا قىزلار كۆپ سەن ئۈچۈن يىغلاپ،
نادامەتلەردە ھەي يۈرەكنى تىغلاپ.
ئازاپ ئوقۇبەتنى ئايىماي جىڭلاپ،
سەن ئۈچۈن يىغلاپ كۆيگىنىم قالدى.
.
تارتساممۇ سىنى دەپ جاپا مۇشەققەت،
كۈرەلمەي سىنىڭدىن سۆيگۈ ساداقەت.
يۈرەككەمىھرىڭدە سەنمۇۋاپا ئەت،
بىر ئۆمۈر دەردىڭدە كۆيگىنىم قالدى.
2015.8.8
شەھىدانە خوتەن سەھەر
قالايمىقان ئۆزگەرتمەڭ
182 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-8 9:51:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-8 17:51:07 | arpat |
maz muni maga yahtu |
2015-8-8 10:04:21 | تۇرسۇن |
ياخشى |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|