تاتماسقا نە ئىلاج كەلگەندە باشقا
ھەيرانمەن ھاياتنىڭ رەڭدارلىقىغا ،
ئايرىلار ھەر ئىشلار راس -يالغانغا .
بەزىدە كۆڭۇل خوش ،بەزىدە ئازاپ ،
تاتماسقا نە ئىلاج كەلگەندە باشقا .
بەزىدە راستىنلا قاقاقلاپ كۇلەر،
بەزىدە شۇ كۇلكە ئاۋازى ئۈتەر .
ھاياتتا نە قىسمەت ، نى كۇنلەر كۈتەر ،
تاتماسقا نە ئىلاج كەلگەندە باشقا.
ئۆتەر ھايات تىرىشىپ -تىرمىشىپ ،
ھەق -ناھەق ئارىدا تازا چىرمىشىپ .
ھەتتا ئەجەل بىلەن تىركىشىپ ،
تاتماسقا نە ئىلاج كەنگەندە باشقا .
بىرىگە زارلىنىپ ،بىرلىرىدە خان ،
ئوخشاش يارالغان ئەزىز ئۇشبۇ جان ،
ھەر ئۆتمۇش ئىچىرە تەمتىرەپ قالغان .
تاتماسقا نە ئىلاج كەلگەندە باشقا .
بولۇركەن ھەر كىمنىڭ يوللىرى باشقا ،
ئايرىلار باي ھەم يوقسۇل گادايغا .
زەرىچە ئورۇن يوق قاخشاپ ياشاشقا ،
تاتماسقا نە ئىلاج كەلگەندە باشقا .
مەنزىلىم ~سەن
284 قېتىم كۆرۈلدى | مەنزىلىم ~سەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-10 17:13:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|