يۈرىكىمنى كۈتىۋال
رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى
يۈرەككە ئۇيۇلغان ئەي جېنىم ئىسمىڭ ،
تىنجىتماس ھەر قاچان ئاجىز كۆڭلۈمنى .
بىلمىدىم قاچانمۇ كىلەركىن ۋىسال ،
تۆت بولدى كۆزلىرىم كۈتۈپ شۇ كۈننى .
ئويلىماي دىيىشكە باردۇر نە چارە ،
قامالدى روھلىرىم چىن سۆيگۈم بىلەن .
نەچچە رەت بولسىمۇ يۈرىكىم چاك _چاك ،
تاڭدىمغۇ يەنىلا ياغلىقىم بىلەن .
تۈنلەردە كۆزلىرىم يۇمۇلماس پەقەت ،
ئىشقىڭدا چوغ بۇلۇپ چىكىمەن ھەسرەت .
كۆكتىكى يۇلتۇزلار گۇۋاھتۇر ماڭا ،
سېنىلا سۆيگەنگە يۈرەكتىن ئەبەد .
يۈرمىگىن بۇنچىلا بىخەۋەر دائىم ،
تىڭشاپ قوي دەردىمنى يۈرىكىڭ بىلەن .
كەتتىغۇ سەن تامان يەنە بۇ يۈرەك ،
كۈتىۋال مىھىرلىك قۇچىقىڭ بىلەن ……
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
114 قېتىم كۆرۈلدى | رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-27 10:28:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|