مۇساپىر

مۇساپىر

 

 كۈنلەر ئۆتمەكتە بىر ـبىرىنى قوغلىشىپ ،

 ئۆتىدۇ كۈنلەر بىرىپ تەسەللى .

ۋاقىتتىن تاپتىم ئۆزۈمگە داۋا ،

 كۈنلەرنى ساناپ ،يولوڭغا قاراپ .

 

 ھاي ھاي دەيمەن تۇرۇپ ئۆزەمگە ،

 چۈشۈڭ ئەمەس بۇ رىئاللق .

 بويسۇنغىن بۇ رىئاللىققا ،

 تاۋلىنىسەن ھايات قوينىدا .

 

 مۇساپىر بولدۇم بۇ شەھەرگە ،

 ھەممە ناتونۇش ئوخشاش قاراشلار .

 كۆزلۈرۈم تەلپىندۇ يىراقلارغا ،

 كىملەرنى ئەسلەپ ،كىملەرنى سىغىنىپ .

 

 مۇساپىرلىق چاندۇردى مىنى ،

 سىغمايسەن كەتكىن سەن دىدى .

 جاۋابەن قايتۇردۇم مۇساپىرغا ،

 قەيسەرمەن يىڭىمەن سىنى .

 

ئاھ ،ئانا يۇرتۇم سىغىندىم سىنى ،

 توپىلىرىڭنى كۆزلۈرۈمگە سۈرتكۈم كەلدى .

 زىرىكتىم مەن بۇ تار جاھاندىن ،

 يايلاقلىرىڭدا چاپقۇم كەلدى .

 

ئانا يۇرتۇم ئامان بولغىن ،

دەرد ئەلەمدىن خالى بولغىن .

 ھامان بىر كۈن قايتىپ بارىمەن ،

 شەرەپ قۇچۇپ ،ئەلنى سۆيىمەن .

 

 شۆھرەت شاۋكەت

 2015ـيىلى 5ـئاينىڭ 20ـكۈنى





114 قېتىم كۆرۈلدى شۆھرەت .شاۋكەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-5 15:26:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ