بىز مۇئەللىم مەكتەپتە خۇشال سايرايمىز
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
بىز مۇئەللىم مەكتەپتە بىلىم بېرىمىز ،
مۇنبەرلەردە خۇش سايراپ ، ئەقىل تاۋلايمىز ،
ئۈمۈدىمىز ، بۇرچىمىز بالىلار ئۈچۈن ،
ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى مەڭگۈ باسىمىز .
بىز مۇئەللىم مەكتەپتە خۇشال سايرايمىز ،
پەرۋىش قىلىپ بالىلار ، دادىل چامدايمىز ،
ۋەتەن قوينى گۈزەل باغ ، روھىمىز تېتىك ،
قەدىرلەيمىز پۇرسەتنى ، مەڭگۈ ئازمايمىز .
بىز مۇئەللىم مەكتەپنى گۈلگە ئورايمىز ،
سەھەر تۇرۇپ ، مەكتەپكە قەدەم ئالىمىز ،
ئەجدادلارنىڭ ئەجرىنى ئاقلايمىز مەڭگۈ ،
گۈزەل ئانا ۋەتەننى گۈلگە ئورايمىز .
بىز مۇئەللىم مەكتەپتە بىلىم قازىمىز ،
ئىجىل - ئىناق بولۇشۇپ ، بىللە سايرايمىز ،
مېھىرلەرنى بېرىشىپ ، خۇش چىراي ئېچىپ ،
ئىناقلىقنىڭ كۈيىنى مەڭگۈ توۋلايمىز .
بىز مۇئەللىم مەكتەپتە گۈللەر تېرىيمىز ،
ۋەتەن قوينى بەك ئىللىق ، گۈلدەك ياشايمىز ،
ۋەتىنىمنىڭ ئەجرىنى ئۇنۇتماي مەڭگۈ ،
قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەپ ، ئالغا چامدايمىز .
بىز مۇئەللىم مەكتەپتە ئەركىن سايرايمىز ،
بالىلارنى ئويغۇتۇپ ، ئەقىل تاۋلايمىز ،
مەشئەللەرنى ياندۇرۇپ ، ئويغۇتۇپ ئەۋلاد ،
كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرۇپ ، زەپەر قۇچىمىز .
بىز مۇئەللىم مەڭگۈگە پەرزەنت ئويلايمىز ،
توغرا يولدىن قايتمايمىز ، ھەقنى ياقلايمىز ،
ئەقىدىدە ئىزدىنىپ ، ئەتىنى ئويلاپ ،
مەرىپەتنىڭ قوينىدا خۇشخۇي سايرايمىز .
بىز مۇئەللىم مەكتەپتە خۇشال يايرايمىز ،
ۋەتەن ئۈچۈن تېرىشىپ ، زادى ھارمايمىز ،
مەرىپەتنىڭ كۈيىنى ياڭرىتىپ مەڭگۈ ،
مەشئەللەرنى ياندۇرۇپ ، مەڭگۈ تاۋلايمىز .
بىز مۇئەللىم بىر ئۆمۈر ئەۋلاد ئويلايمىز ،
بالىلارنى خۇش قىلىپ ، بىللە ئوينايمىز ،
تالاشمايمىز تۆھپىلەر ، بولۇشۇپ ئىناق ،
ئانا ۋەتەن قوينىدا خۇشخۇي سايرايمىز .
بىز مۇئەللىم مەكتەپتە مەغرۇر ئىشلەيمىز ،
نۇر چىراقلار ئاستىدا پەرۋاز قىلىمىز ،
شەرەپلەرنى قۇچىمىز ، ۋەتېنىم ئۈچۈن ،
ئانا ۋەتەن بارىمسەن ، مەڭگۈ ئازمايمىز .
بىز مۇئەللىم ۋەتەندە ، دادىل چامدايمىز ،
بالىلارنىڭ مېھرىگە زادى قانمايمىز ،
سەبىيلەرنى قەدىرلەپ ، ھارماي ئۆگىتىپ ،
ۋەتېنىمنىڭ ئەجرىنى يەردە قويمايمىز .
بىز مۇئەللىم مەكتەپتە دىللار تاۋلايمىز ،
جاپالاردىن قورقمايمىز ، پارلاق ئەتىمىز ،
پۇرسەتلەرنى قەدىرلەپ ، ئىزدىنىپ مەڭگۈ ،
ئانا ۋەتەن ئىشقىڭدا مەڭگۈ سايرايمىز .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
41 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 11:57:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|