دۇنيا مىراس كۆز يۇمۇلغىچە
بىر كۈنلەردە بۇ دۇنيا سەن بىزلەردىن قالىدۇ،
بۇ دۇنيانى بالىلار ئۆز قولىغا ئالىدۇ.
ئەجدادلارنىڭ كۈيلىرى داۋام ئەتسە ئەۋلادقا،
نەۋرىلەرمۇ بىر كۈنى ئاشۇ كۈيگە چالىدۇ.
گەرچە مىراس قالسىمۇ دۇنيا سېنىڭ بولالماس،
تېنىڭ ھامان بىر كۈنى گۆرگە قۇرۇق بارىدۇ.
بالاڭمۇ ھەم ئولتۇرماس دۇنيا ماڭا قالدى دەپ،
تۆت كۈنلۈكنىڭ غېمىدە ئۇمۇ ئوتۇن يارىدۇ.
جاھان تەتۈر چۆرگىلەپ ياشىساڭمۇ يۈز ئەسىر،
ئەجەل ھامان پېشىڭدىن بىر كۈنلىرى تارتىدۇ.
شۇڭا تەڭرى قالدۇرار بىزگە تالاي سىر، ھېكمەت،
ھېچبولمىسا ئۆلمەسنىڭ غەملىرىنى ئارتىدۇ.
شۇڭا بىلمە ھەرگىزمۇ يىغقىنىڭنى دۇنيا دەپ،
كەلسە ئەجەل ئايلىنىپ «دۇنيا»لىرىڭ چانىدۇ.
ئېمانىڭنى پاكىزلاپ، نەپسىڭنى چىڭ تۇتمىساڭ،
كۆز يۇماردا تەن-روھمۇ بىر-بىرىدىن تانىدۇ.
ئابدۇزاھىر ئابدۇساتتار
2015-يىلى 13-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى
152 قېتىم كۆرۈلدى | abduzayir | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-22 13:07:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-27 16:56:37 | ياسىنجان |
بەك ياخشى يېزىپسىز . يۈرەككە بادى داۋاملىق تىرىشىڭ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى دىل ھوزۇرىمىزغا كۆپلەپ سۇنغايسىز ✊ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|