يىتىم بولدۇق دەپتىمىز
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
يىتىم بولدۇق دەپتىمىز،
چىدالمىغاچ ھەممىمىز،
لىكىن زادى بىلمەپتۇق،
ئويلىماپتۇق ئانىمىز.
يىتىم بولدۇق دەپتىمىز،
يىتىم كىم بىلمەپتىمىز،
دادام كېتىپ بۇرۇنلا،
يىتىم بوپتۇ ئانىمىز.
يىتىم بولدۇق دەپتىمىز،
ئويلىماپتۇق ئانىمىز،
غېرىپ،يالغۇز بولسىمۇ،
بىلەلمەپتۇق ئانىمىز.
يىتىم بولدۇق دەپتىمىز،
ياز-قىشى سەزمەپتىمىز،
ياشاپتىغۇ جاپادا،
ئانام سۇلغۇن،بىلمەپتىمىز.
يىتىم بولدۇق دەپتىمىز،
دادام بىزنىڭ دەپتىمىز،
ئۇنۇتۇپتۇق ئانامى،
قانات بىزنىڭ دەپتىمىز.
يىتىم بولدۇق دەپتىمىز،
كۆرمەپتىغۇ كۆزىمىز،
داداڭ بولسا دېمىگەچ...
يەتمەپتىغۇ ئەقلىمىز.
يىتىم بولدۇق دەپتىمىز،
يىتىم ئىكەن ئانىمىز،
قاخشاپ قويۇپ بىردەملىك،
ئۇدۇل يېنىپ كەپتىمىز.
يىتىم بولدۇق دەپتىمىز،
غېرىپ ئىكەن ئانىمىز،
بالا-چاقا مۇڭدۇشۇپ،
مۇڭسىراپتۇ ئانىمىز.
يىتىم بولدۇق دەپتىمىز،
دادام بىزنىڭ دەپتىمىز،
سۇنغان ئىكەن قاناتىڭ،
كەچۈرگەيسىز ئانىمىز.
91 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-15 19:22:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|