مۇقام (شېئىر)
ئابلىكىم ئابلىمىت
ئاڭلانماقتا بىر يەردىن مۇڭلۇق ئاۋاز ،
تارىتماقتا ئۆزمەيلىگە مېنى شۇدەم .
كەتمەكتە دولقۇنلاپ قەلىب دەريايىم ،
چۈشتۈم مەن ئۇنىڭ قوينىغا شۇدەم .
زوقلىنىپ باردىم مەن ئۇنىڭ يىنىغا ،
شادلىنىپ ئېيتماقتا بۇۋاي مۇقامنى .
مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىماقتىمەن ،
قەلبىمگە كۈي قوشقان ئۇشبۇ مۇقامنى .
ئۆتمەكتە قەلبىمدە شاھ مەشرەپ ئۆزى ،
كەچمەكتە قەلبىمگە نەۋائى ئۆزى .
چالدى زىل تارىمنى نەفسى ئۆزى ،
ئۈزۈپ دېڭزىمدا رەشىتخان ئۆزى .
ئىزلەپ يۈرگىنىم دەل مۇقامىم ئۆزى ،
ئەمەسمۇ مىللىتىمنىڭ پۈتمەس كۆزى .
ئەمەسمۇ مىللىتىمنىڭ دىل رىشتى ،
ئەمەسمۇ مىللىتىمنىڭ قەلىب كۈيى .
38 قېتىم كۆرۈلدى | ABLIKIM | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-17 1:07:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|