ھاماقەت
مۇخەممەس
ئىلىم دېڭىز ئوكيانىغا چۆكەلمەيدۇ ھاماقەت،
تۈرلۈك تۈمەن سىناقتىن ئۆتەلمەيدۇ ھاماقەت،
قانات قىقىپ ئاسماندا يۈرەلمەيدۇ ھاماقەت،
سامانلىقتىن سارايغا كۆچەلمەيدۇ ھاماقەت،
كۆز يىشىدىن خوشلۇشۇپ كۈلەلمەيدۇ ھاماقەت.
بىلىم گويا قاناتتۇر بىلىم ئالساڭ ئۇچارسەن،
پەرۋازقىلىپ سامادا شان شەرەپلەرقۇچارسەن،
يەكسان قېلىپ يەر بىلەن رەقىبىڭنى ئۇتارسەن،
كامالەتكەندەيەتكەندە جاھاننىمۇ يۇتارسەن،
ئەنەشۇنداق ھوزۇرنى سۈرەلمەيدۇ ھاماقەت.
تەقدىرىمكەن دېمىگىن ئۆزتەقدىرىڭ قولۇڭدا،
ئىلىم بىرلەئۇچارسەن ئويوڭ ئەمەس ئوڭۇڭدا،
ۋايساپ يۈرمەئەي دوستۇم تاش پۇتلاشسا يولۇڭدا،
خىرەلىشىش بولمىسۇن ئىلىم ئېلىش ئوتۇڭدا،
بىخ سۈرمىگەن گىياھتەك ئۈنەلمەيدۇ ھاماقەت.
ئىلىم ئىرپان ئويغۇتار ئۇخلاپ ياتقان مىللەتنى،
يىراق قىلاربىزلەردىن 《نادان》 ئاتلىق ئىللەتنى،
مىراس بەرسەك ئەۋلادقا ئىلىم ئىرپان خىسلەتنى،
ئەۋلادىمىزپاكلىسۇن قەلبىدىكى ئىللەتنى،
كەلگۈسى ياش ئەۋلادنى كۆزلىمەيدۇ ھاماقەت.
ئىلىم پەننىڭ قۇدرىتى ئەييۇھەنناس ئالامەت،
مۇزئوكيانغا بارساڭمۇ بىرەرساڭا ھارارەت،
قايتىپ بىمارسەكراتتىن يۈرەريەنە سالامەت،
ئىلىم بىرلە سالامەت يۈرەكتىكى جاراھەت،
قەلبىدىكى يارىنى ساقايتالماس ھاماقەت.
2014-يىلى 15-كۆنەك
ئابدۇللا تەشنا
116 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇللا تەشنائېي | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-5 8:29:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|