يالغۇز قالدى
ئاپتۇرى : مەخسۇم ھىپىز (ئاققاش)
ئەجەل كىلىپ زۇلمەت كېچىدە تىنقى توختاپ ،
بىزنى باققان مىھرى بانىم كىتىپ قالدى .
ھاياتلىقتىن ئۈمىد ئۈزۈپ بويۇن قىسىپ ،
تۆت قېرىنداش يېتىم بولۇپ يالغۇز قالدىم .
چوڭ يۇقىتىش بولىدى بىزگە بۇ ئەجەلدە ،
ئانام كەتتى بۇ ئالەمدە ئەجرى قالدى .
يېمەي ئىچمەي بالا باقتى كېسەل تاتتى ،
ئۆمۈر بويى ئاياپ تۇتقا ئۆيى قالدى .
ھاياتلىقتا سىرداش بولۇپ بىللە ئۆتكەن ،
جان يولدىشى ھالال جۈپتى دادام قالدى .
ئۆيدە سىرداش بىزگە مۇڭداش ئاتا ئاداش ،
جان كۆيدۈرۈپ كۆيۈندىغان تاغام قالدى .
مېھردە ئولتۇرۇش قاندا تۇتاش قېرىنداش ،
بىللە ئويناپ تەڭ يېتىلگەن ئاغام قالدى .
تەپكۈچ ئويناپ يۈرگەن چاغدا تۇنجى بولۇپ ،
يېتىم قىلماي ئۆزى باققان ئوغلى قالدى .
يىگىرمىگە قەدەم قويۇپ ئۇلاپ تۇغۇپ ،
نۇسخىسىدەك تەربىيلىگەن قىزى قالدى .
بۇ كۈنلەردە ئانام شۇنداق كېسەل ئىدى ،
ساقسىز تۇرۇپ تۇغقان ئوغلى يۇنۇس قالدى .
كەنجى ئىنىم غەمسىز گۆدەك سەبىي ئىدى ،
بۇ يىل تېخى يەتتە ياشتا كىچىك قالدى .
ئانام بىزگە تالاي ئەجىر مېھنەت قىلدى ،
ئەپسۇس كەتتى ئەمما ئۆچمەس ئىزى قالدى .
2014-12-21
ئۇندىدار:18509996475
138 قېتىم كۆرۈلدى | AKKAX | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-18 1:37:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|