بىۋاپا
سۇكۇتلەر ئىچىدە دەردىمنى يۇتۇپ ،
ئۆزۇمگە ۋەدە قەسەملەر پۇتۇپ.
ئويلۇرۇم بەك تولا ھالىم بەك نۈچۇك ،
ئەسلىمەسمەن سېنى بولدۇڭ بىۋاپا.
ئەمدىلىكتە ئىشىنىپ ساڭا نە قىلاي ،
ئازاپلار يۈرەكنى مۇجىدى تالاي .
ئالدانغان سۆيگۈدە ئەمدىمەن قالاي،
سۆيەلمەسمەن سېنى يالغان بىۋاپا .
شېرىن سۆزلىسەڭ ئەركىلەپ ماڭا،
ئىشەنگەن ئىكەنمەن نادانلىقىمدا .
كەتتىڭغۇ يات يار ئارقىدىن مانا ،
قاناتلار قاقتىڭمۇ ئۇچۇپ بىۋاپا .
سوراقلار بار جاھان ھەر بەندىنىڭ ،
تۇغۇلۇپ بىر كۈنلەر ئۆلىدىغاننىڭ.
ئايرىلار ھامىنى ياخشى ياماننىڭ ،
ئويلىغىن ئاخىرەت سەنمۇ بىۋاپا .
QQ :: qin akida 212
284 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-6 3:07:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|