ۋەتەن قوينى راھەت باغ
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
ۋەتەن قوينى راھەت باغ ، ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ ،
پىژغىرىملىق ئاپتاپتەك ، يالقۇنلايدۇ دىللىرىڭ ،
خۇددى شىرېن چۈشلەردەك ، سەيلە قىلىپ ياشىغىن ،
ئانا ۋەتەن قوينىدا ، سايرايدىغۇ تىللىرىڭ .
ۋەتەن قوينى راھەت باغ ، ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ ،
قېشى - يېزى ئوخشاشتۇر ، تويىنىدۇ ھىسلىرىڭ ،
قەھىرتانلىق سوغۇقمۇ ، خۇددى قىزىل چوغلاردەك ،
ۋەتېنىڭنىڭ قوينىدا ، خۇش پۇراقلىق ھېدلىرىڭ .
ۋەتەن قوينى راھەت باغ ، ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ ،
ئېناق بولسا ھەر مىللەت ، پەرۋازلايدۇ ئىزلىرىڭ ،
تۇزى كوردۇر ئەسەبىي ، كىسىپ تاشلاڭ تىلىنى ،
ئىللىق بولسا جەمئىيەت ، يورىمامدۇ دىللىرىڭ .
ۋەتەن قوينى راھەت باغ ، ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ ،
رەزىل بولغاچ تىرورچى ، بىلمەيدىكەن تۇزلۇرۇڭ ،
كېرەك بىزگە ئىللىقلىق ، بۆلگۈنچىلىك قىلمىغىن ،
ئىرادىمىز بەك كۈچلۈك ، كىسىلىدۇ تىللىرىڭ .
ۋەتەن قوينى راھەت باغ ، ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ ،
قول تۇتۇشساق ھەممىمىز ، بەرپات بولۇر چۈشلىرىڭ ،
ئانا ۋەتەن قوينىدا ، ئىناقلىقنى ئويلىغىن ،
ھەي تىرورچى ، بۆلگۈنچى ، ئۆلۈم سېنىڭ تويلۇرۇڭ .
ۋەتەن قوينى راھەت باغ ، ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ ،
ئىناقلىقنى ئويلىساڭ ، داغدام بولۇر يوللۇرۇڭ ،
گۈزەل باغۇ-بوستاندا ، قىلغىن پەرۋېش گۈللەرنى ،
مېھىر بەرسەڭ چىن دىلدىن ، يورغىلايدۇ دۇلدۇلۇڭ .
ۋەتەن قوينى راھەت باغ ، ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ ،
ھارارەتلىك قۇياشى ، ئۇرغۇتىدۇ روھلۇرۇڭ ،
لەنەت ساڭا تىرورچى ، يەتمىدىڭغۇ قەدرىگە ،
تېپىۋالغىن ھۇشۇڭنى ، كىسىلىدۇ پۇتلۇرۇڭ .
ۋەتەن قوينى راھەت باغ ، ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ ،
تۇتاش بولسا يۈرەكلەر ، ئوچۇق بولۇر يوللۇرۇڭ ،
سىياسەتنى قەدىرلەپ ، تەرەققىيات كۆزلىگىن ،
پەرۋېش قىلغىن ئەۋلادنى ، توغرا بولسۇن يوللۇرۇڭ .
ۋەتەن قوينى راھەت باغ ، ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ ،
نادانلىقتىن قۇتۇلغىن ، سۈزۈك بولسۇن دىللىرىڭ ،
بىلىم ئالغىن تېرىشىپ ، خۇراپىيلىق قىلمىغىن ،
ئاتا بارىڭ ۋەتەنگە ، ئۇرغۇپ تۇرسۇن روھلۇرۇڭ .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
41 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 0:24:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|