ئانامنى ئەسلەپ
ئازاپلىقكەن ئايرىلىش دىگەن ،
بىر يىل بوپتۇ بىردەمدە مانا.
گەر سۈرتىڭنى كۆرۈپ تۇرساممۇ،
ئۆزۈڭ كۆرگەنگە يەتمەسكەن ئانا.
مىھرىڭ بىلەن پەپىلەشلىرىڭ،
يۈزۈم سىلاپ ئەركىلتىشلىرىڭ.
خىيالىمدىن كەچتى قايتا رەت ،
پىشانەمگە شوخ سۆيۈشلىرىڭ.
بار چىغىڭدا قەدرىڭنى بىلمەي ،
خىزمىتىڭنى قىلمىغان ئىدىم.
ھە دىسلا خىزمەت خىزمەت دەپ ،
ئىش ئورنۇمغا چىپىپ يۈرگەنتىم .
مانا بۈگۈن كۈتەي دىسەممۇ،
ئانا سىنى كۆرەلمەي كەتتىم.
جىنىم ئانا سىنىڭ قەدرىڭنى ،
بەكمۇ كىچىكىپ بىلىپلا يەتتىم.
كەچۈر ئانا كەچۈرگىن جانىم ،
سەن پاسىبان مىنىڭ مادارىم.
پەقەت ئەسلەش كىلەر كۆڭلۈمدىن ،
ئۇندىن باشقا يەتمەس مادارىم.
(گۈلجامال يولۋاس)
قەشقەر نەزەرباغ بازىرىدىن 2015.9.18
376 قېتىم كۆرۈلدى | guljamal198 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-19 0:13:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-19 17:12:17 | 111 |
111 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|