ئاۋغۇسىتتىكى بايراق چىقىرىش
چىقار مەغرىپ شامىلى،تەۋرىتىپ شاخلار تامان،
ئۆرلىمەكتە قىپقىزىل تۇغ كۆكتە مەغرۈر خىرامان.
شۇنچە كۆپ كىشىلەر توپى يىراقلارغا سۇزۇلۇپ،
تۇرار ئاڭا سۈكۈتتە بىلدۈرۈپ ھۆرمەت ھامان.
ئۇلىشىپلا چۈشتى يامغۇر، سەلكىنە سىم-سىم بۇلۇپ،
قالدى ساچلار نەمدىلىپ، گۈللەر ئۆزگە تۈس ئالغان.
كۈلۈمسىرەر تاڭ قۇياشى،بۇلۇت ئارا مەشرىقتە،
ئەگەشىپ لەرزان كۈيگە ئويغانماقتا يەر-جاھان.
164 قېتىم كۆرۈلدى | izqi1 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-1 13:03:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|