بالىلىققا قايتقۇم بار
بالىلىققا قايتقۇم بار،
لايغا پېتىپ ياتقۇم بار.
ياسېۋېلىپ رەگەتكە،
قۇچقاچلارنى ئاتقۇم بار.
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ،
يالاڭ ئاياغ چاپقۇم بار.
دادام بىلەن تۈگمەندە،
بىللە بۇغداي تاتقۇم بار.
غەمسىز ئىدىم ھارمايتتىم،
ئويناپ ھىچبىر قانمايتتىم.
ئەنسىرىتىپ ئانامنى،
ئۆيگە بالدۇر يانمايتتىم.
سومكا ئېسىپ مەكتەپكە،
ماڭغانلىرىم يادىمدا.
سول قولومدا يازغان خەت،
ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا.
مانا ھەش پەش دىگۈچە،
بالىلىغىم كېتىپتۇ.
بىزنى گويا چالمىدەك ،
تۇرمۇش ھەريان ئېتىپتۇ .
كىچىك چاغدا خۇش پېئىل،
ئاشۇ دوستلا نەدىكىن.
ئۆزگىرىپتۇ پەيلىمۇ ،
خۇينى كىملە بەدىكىن.
ئالىمجان
247 قېتىم كۆرۈلدى | jallat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-10 16:58:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-12 13:48:30 | مەمەتجان |
سىغىنغۇچىلىكى باردە بالىلىقنىڭ…… بىراق قايتىپ كەلمەيدۇدە…… |
2015-8-12 13:48:20 | مەمەتجان |
سىغىنغۇچىلىكى باردە بالىلىقنىڭ…… بىراق قايتىپ كەلمەيدۇدە…… |
2015-8-12 13:48:20 | مەمەتجان |
سىغىنغۇچىلىكى باردە بالىلىقنىڭ…… بىراق قايتىپ كەلمەيدۇدە…… |
2015-8-11 23:59:01 | مىسكىن ئاي |
بەكلا ياخشى يېزىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|