كىچىمەن سۆيگۈمنىڭ قەدىرى بولمسا
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
مىھر ئىزلەپ كۆڭۆل بەرسەم چىن يۈرەكتن،
ئوخشاتتڭ سەن كۆزگە ئىلماي مالامەتكە،
ھىچ كشىدىن رەنجمىگەن بايقۇش كۆڭۆل،
نازۇك دىلىم قالىدى بۈگۈن ئاھانەتكە.
سنى دەپ مەن ئوتۇڭدا،سۈيڭدە ئاقتىم،
سەن بولغاچ كۆڭلۈمدە،سۆزۈڭگە باقتىم.
ئاق دىسەڭ قارا دەپ باقىمغاچ ئەزەل،
شۇ سەۋەپ دەپتمەن،مەيلڭىگە ياقتىم.
چۈشەنمەيسەن كۆڭلۈم سۇنۇق يۈرگنىمدە،
قاپاق تۇرۈپ ئاچماي چىراي دوق قلسەن.
تەشنا مىھىرىم قول ئۇزاتسام ياياقلاردا،
خار ئەيلەپ موھەببىتىم يوق قىلىسەن.
مەن ھەيىران،تەنبھكە قاپاق تۈرگنىڭ،
ماتەمدە يۈرسەم مەن، سنىڭ كۈلگنىڭ.
تەمەننا، كىبىردە كۆرەڭلەپ ئاندىن،
ئاسىمانغا كۆتۆرۈپ يەرگە ئۇرغىنىڭ.
ئشەنمەي قالدىممەن كۆرگەن كۈنۈمگە،
غورۇرۇم ھەسىرەتتە يىغلدى قان-قان.
بۇقتىم..... پەقەتلا كۆڭلۈمدە قالسۇن،
سەنمۇ ھەم ئۇيۇلۇپ قالدىڭ ھەقىچان.
قۇلۇپلاپ قەلبمنى چىڭ ئېتىمەن ئەمدى،
مەيلكىن پىغانىم ئىچىمدەقانچە ھوۋلسا.
زەنىجىرىدە كشەنلەپ تۈمەنمىڭ قتىم،
كىچىمەن سۆيگۈمىنىڭ قەدىرى بولمسا.
يوقالغىن مۇھەببەت كۆڭلۈمدىن ئاسىتا،
كەت ئەمدى ئەبەدى،ئۆچكىن ئوت پىراق.
سەن كەتمەي بىغمدا قاچان؟ نە باھار؟
كەلمەسكەن ئەسلىگە، يۈرۈگۈم بىراق.
كىچەرمەن،كەت يارەن،قالغىن قىرنداش،
قال پنھان، خورلۇقتا قالغان مۇڭ ئازاپ.
جاندىن ئەزىز سۈلكەتتۇر، ۋاپا ۋە غورۇر،
شۇ غورۇر جسمىمدا،قالمىسۇن مۇزلاپ،
بلىپ قال شۇڭلاشقا تەڭشەلگەن ئالەم،
بىلەر ساپ كۆڭۆلنى،كىچىكىپ ئادەم،
سۇندۇرساڭ غۇرۇرنى،ھەر بىر بەندىنڭ،
سنىڭمۇ سۇنار ھامان،بولساڭمۇ ھاتەم.
ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇپ يۈرمە ئەي يارەن،
ئازارىنى ئۇنۇتما،بىراۋغا ئازار بەرگەندە.
ئىگمىز ئالدىدا ھەممىز ئوخشاشلا بەندە،
قەرىزدار ئەمەس،بىل، بەندىگە بەندە.
ئەلمساقتن قايسى قەلب خورلۇق بىلەن،
مەنستمەسنىڭ قۇچاغىدا قۇچقان ۋىسال.
ئارزۇلىرىم بولدى-بەس دەر، جۇدالىقتا،
ئازاپلانما چوڭچى يارەن،قالغىن خۇشال.
2017-يىلى17-ئاپىرىل (قارىتاغىز)
246 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمان ئابدۇللا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-18 2:03:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|