بايقاش
سەيپىدىن ئامۇت
كۆزلەرىمگە كۆز قوشتى بىرلەر،
نەملىرىمدىن نەم سۇقۇشتۇرۇپ.
ئەتە ئۈچۈن تۈزمەكتە پىلان،
مېنى دەرددىن چىقماقچى يۇلۇپ.
ئىچ-ئىچىمدە ئەزگە ھېسىيات،
توختىماستىن تۇرىدۇ قايناپ.
ئىشتىھالىق ئارزۇ-ئارمىنىم،
غەشلىرىمنى يىمەكتە چايناپ.
مەنزىلىمدۇر ئۇ شۇتاپ ئېنىق،
چېتىۋالدى مېنى ئۆزىگە.
ئۇ پۈتۈپتۇ ئىسمىمنى بېزەپ،
قېنى بىلەن ئۆمۈر بېتىگە.
خوشاللىقتىن ياش ئۈزمەكتىمەن،
يۈرۈكۈمدىن ئېرىقلار ئېچىپ.
قايغۇ دېگەن ئەزگۈ ئۆلۈمتۈك،
ئېقىنىدا تۇنجۇقتى ئېقىپ.
ئەركىن تىنىق ئوينىدى لەرزان،
سۇلاردىكى ئەركە بېلىقتەك.
تەن ئۇنتۇلۇپ كۆيەرۇ-كۆيەر،
قەۋىم ئىچرە مىڭلىغان ئەركەك.
تەرىك ئېتەر ئۆزىنى كىممۇ،
شۈبىھلىنىپ ھاياتلىقىدىن.
تۇپراقدىشىم بىلدىڭ نېمىلەر،
كۈتەر بولدى ئەل-ۋەتەن بىزدىن؟
2015.18 ئىيۇل
142 قېتىم كۆرۈلدى | 1727758308 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-14 8:38:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|