ئايدىڭ كېچە

ئايدىڭ كېچە

 

 دېرىزەمگە چۈشۈپتۇ،

 ئون بەش كۈنلۈك تۇلۇن ئاي ،

 كىرەر سۈتتەك نۇرلىرى،

 ئۆي ئىچىگە ھېيىقماي.

 

شۇنچە گۈزەل بۇ كېچە،

دەرەخلەر ھەم يۇلتۇزلار.

 ھەتتا پۈتۈن كائىنات،

كۈلۈمسىرەر، كۆز قىسار.

 

 چىقىپ مەيىن شاماللار،

ئۇچۇشسا ياپراقلار،

ئەكىس ئىتىپ ئالتۇنرەڭ،

 كۆللەر يەنە پارقىرار.

 

 ئاڭلىنىدۇ يىراقتىن،

 مىسكىن ناخشا توختىماي،

 مەنلا ئەمەس شادلانغان،

ئۇشبۇ كېچە ئۇخلىماي.





163 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 10:29:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ