رايىم يوق
تۇمان
تارتما بۇلۇڭ –پۇچقاققا،شىكايەتكە رايىم يوق،
ياخشىلارغا ياخشىمەن،ئاداۋەتكە رايىم يوق.
نە ئۈچۈندۇر شۇ قەدەر سەسكىنىمەن غەيۋەتتىن،
ئاسايىشلىق ئارزۇيۇم،مالامەتكە رايىم يوق.
بەزىلەرنىڭ گىپى بال،قىلمىشىدىن ھۆ قىلاي،
«تىلى تۈزۈك،دىل بۇزۇق»«ماھارەت»كە رايىم يوق.
بەزىلەرچۇ يالغاندا قايمۇقتۇردى ئۆزگىنى،
ئەمما مىنىڭ مۇشۇنداق «كارامەت»كە رايىم يوق.
ئامەت كەلگەن كاسىغا تۇمشۇقىنى سۈركەيدۇ،
كۆككە چىقسۇن شۇ يولدا،خوشامەتكە رايىم يوق.
دوستلۇرۇمغا سادىقمەن،ئايرىلماسقا مىھرىم بار،
ۋاپادارمەن مەڭگۈلۈك،خىيانەتكە رايىم يوق.
تەن يارىسى تۆت كۈنلۈك،دىل يارىسى ساقايماس،
ئاق كۆڭلۈمگە تاش ئاتما،جاراھەتكە رايىم يوق.
ھالال ياشاش مىزانىم،پاكلىق پۇرار جىسمىمدىن،
ھارام بايلىق،پۇل-ئوقەت،پاراغەتكە رايىم يوق.
ئاددى ئاۋام ئارىسى ماكانىمدۇر مەڭگۈلۈك،
ساختا ئابرۇي،نام-شۆھرەت،ئىناۋەتكە رايىم يوق.
ئىجاد،ئەمگەك،ئىختىرا،بىر ئۆمۈرلۈك خۇمارىم،
تەرسىز كەلگەن نەپ-لوقما،تاپاۋەتكە رايىم يوق.
ئۇچۇق-يۇرۇق كۆڭۈلگە مەھلىيامەن شۇ قەدەر،
كىملەر قىلغان غەرەزلىك ئىشارەتكە رايىم يوق.
ئىشى تولا،گىپى ئاز ئەمگەكچىگە قايىل مەن،
تا ئەزەلدىن قۇرۇق سۆز-ھىكايەتكە رايىم يوق.
چالما-كېسەك ئاتمايمەن بىركىملەرگە ئالدىراپ،
ئاتسام ئۆزگە چاچرايدۇ،نىجاسەتكە رايىم يوق.
195 قېتىم كۆرۈلدى | تۇمان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-22 23:16:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-31 8:39:02 | yaprak |
رايىم يوق دىگەن ئەسەر بەك ياخشى چىقىپتۇ. بەك ياقتۇردۇم. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|