ئېزىقتۇرۇپ زېھنى مەيلىمنى،
تىتىرەيسەن نازۇك يۈرىكىم.
مۇڭلىنىسەن بىراۋلار ئۈچۈن،
كىملىكىنى بىلمەيسەن بەلكىم.
ئىنتىلسەن مەۋھۇم مەنزىلگە،
كۈتمەس ئەمما ئۇ يەردە ھېچكىم.
يېنىشىڭنى بىلسەڭمۇ مەيۈس،
بارغۇڭ كېلەر لېكىن، ئاھ لېكىن!
كىملەرنىدۇر ئىزدەيسەن پىنھان،
مىسكىنلىككە ئىزدەپ تەسەللى.
سىردىشسەن غايىۋى بىراق،
ھېچكىم كەلمەس سېغىنىپ سېنى.
رېتىمىڭغا قايتقىن يۈرىكىم،
ئادەملەردىن كۈتمىگىن ئۈمىد.
مەيلى تەنھا ئېيتقىن ناخشاڭنى،
بىپەرۋاغا قالمىغىن كۆنۈپ.
242 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-20 17:03:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-7-29 12:04:37 | ئاق لالە |
بەك ياخشىى يىزىلىپتۇ 🌺🌺🌺 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|