ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
ھەر بىر بېتىدە ، باردۇر ھېكىمەت .
ئۇچراتساڭ ئەگەر ، ئاۋايلاپ ئاچقىن ،
قېنىپ كۆرۈپ باق ، يانمىغىن پەقەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
ئاسرىغىن ئۇنى ، ئەبەدىي-ئەبەت .
ھەر بىر خېتىگە نەزەر تاشلىغىن ،
قىسمەتلىرىڭغا بولسۇن ئۇ ئىبرەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
يۆلەنچۈكتۇر ، ئويلىماس مەنپەئەت .
ئېزىپ قالساڭمۇ ، قۇرلىرى ئاتلاپ ،
كۆڭۈل تۆرىدە ، ساقلىماس پەقەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
ئوقۇپ تۇرغىنە ، ھەر كۈنى بىر بەت .
ھەر بىر قۇرىغا نەزەر سېلىپ باق ،
دەرتلەر سالمايدۇ ، قىلۇر ئۇ شەپقەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
راھەت بېغىشلار ئەبەدىي-ئەبەت .
بولۇپ داستىخان ، ئېچىپ قوينىنى ،
بارىنى ئاتاپ ، بىرىدۇ ھىممەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسل بىر لۇغەت ،
سالمايدۇ ساڭا ، ئازاپ-ئوقۇبەت .
ئېزىپ گاھىدا ، تەمتىرەپ قالساڭ ،
توغرا يول باشلار ، بېرىپ مۇھەببەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
ئوقۇغىن مەڭگۈ ، قىلمىغىن ھەسرەت.
چۈشەنساڭ پەقەت ، سېھرى كۈچىنى ،
گۈزەل ياشلىقىڭ ، ياشنار تائەبەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
ئاسىرغىن ئۇنى ، قىلمىغىن تۆھمەت.
قەلبىڭ ئىللىتار ، قۇياشتەك چاقناپ ،
مېھىرلەر بېرىپ ، كۈلدۈرەر ئەبەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
مەڭگۈ بېرىدۇ ، مېھىر-مۇھەببەت .
ھالسىراپ قالساڭ ، تاشلاپ كەتمەيدۇ ،
ئاسرايدۇ سېنى ،سۇنىدۇ شەربەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۈغەت ،
قىلمايدۇ ئۇ ، يۈزسىزلىك پەقەت .
قىشى ھەم يېزى ئوخشاشلا باھار ،
ئازار قىلمايدۇ ، سۆيىدۇ ئەبەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
سۆيۈپ ئىلىمنى ، ئويلار مەرىپەت .
ئويلاپ بالىلار ، ئەجىرلەر قىلار ،
ھېرىپ-چارچاشنى بىلمەيدۇ ئەبەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
قولۇڭغا ئالساڭ ، ئاجايىپ سۈرەت .
شۇنچە راھەتلىك ھوزۇر بېرىدۇ ،
روھىڭ ئۇرغۇتار ، قىلمايدۇ زۇلمەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئىسىل بىر لۇغەت ،
چىقىدۇ ھوسۇل ، تۇپرىقى مۇنبەت .
كىرلىرى يوقتۇر ، پاكىزدۇر شۇنچە ،
سۈزۈك دىللىرى ، گويا بىر زۇمرەت .
ۋاپادار بىر ئەر ، ئېسىل بىر لۇغەت ،
ئوقۇ ئەبەدىي ، كۈندە نەچچە رەت .
تاشلاپ قويمىغىن ، بولمىسۇن خاراپ،
قەدىرلەپ سۆيگىن ، ئەبەدىي-ئەبەت .
تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار :qq1165181317
مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
93 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-26 15:43:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|