قوشماقلار قوللۇشۇپ
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
مېھىرلىك قەلىبلەر تۇتاشسا ئەگەر،
بارچە دىل شادلىنىپ زوقلىنار ئىدى،
ئېيتىلسا مۇھەببەت ناخشىسى ئەگەر،
ھەممە دىل نۇرلىنىپ يورىغاي ئىدى.
مېھنەتسىز قىلىنسا تىلەكلەر ئەگەر،
يۇرتۇمنىڭ كەلگۈسى بەك گۈزەل ئىدى،
ياڭرىسا مەرىپەت ناخشىسى ئەگەر،
سەبىيلەر دىللىرى چاقنىغاي ئىدى.
يۈرەكتىن تۇتۇلسا،قىزىل گۈل ئەگەر،
بارچە گۈل خۇشپۇراق ئېچىلار ئىدى،
قول تۇتۇپ مېڭىشساق قوشماقلار ئەگەر،
تەبىئەت ئىللىنىپ،گۈل ئۈنەر ئىدى.
يېقىن دوست بۇرادەر بولۇشايلى بىز،
ھەر دائىم سۇنايلى ئىللىق قوللارنى،
ۋەتىنىم قوينىدا ياڭرىتىپ ناخشا،
مۇھەببەت ئۇرۇغى مەڭگۈ چاچايلى.
قوشماقلار دوستلۇشۇپ،بولۇپ مېھىرلىك،
ۋەتېنىم بېغىغا گۈللەر تىكەيلى،
سولۇشۇپ قالمىسۇن تىككەن گۈلىمىز،
مېھىردىن سۇغۇرۇپ،ئوزۇق بېرەيلى.
قەلىبلەر تۇتاشسۇن،ئېچىپ داغدام يول،
سۇنۇلسۇن مېھىرلىك ئىللىق قولىمىز،
ۋەتىنىم باھارى بىزگە ئوزۇقتۇر،
ياشايلى شادىمان،قىلىشىپ كۆڭۈل.
قوشماقلار كۈلۈشۈپ ياشىسۇن مەڭگۈ،
ۋەتىنىم قوينىدا چاقنىسۇن مەڭگۈ،
ياڭرىسۇن سازىمىز ۋەتەن قوينىدا،
مېھىرلىك بولۇشۇپ،قەلىبلەر مەڭگۈ.
دوستلۇقنىڭ گۈللىرى سۇنۇلسۇن مەڭگۈ،
خەلقىمنىڭ دىللىرى ئىللىسۇن مەڭگۈ،
قىزىل گۈل سۇنۇشۇپ،ھېدلارنى پۇراپ،
ھەممە جاي پۇراقلىق بولۇنسۇن مەڭگۈ.
ۋەتىنىم بىزلەرگە مېھىرلىك مەڭگۈ،
سىياسەت تېخىمۇ نۇرلۇقتۇر مەڭگۈ،
ھەمنەپەس بولۇشۇپ،كۈلۈپ ياشايلى،
قوشماقلار قوللۇشۇپ،ئايرىلماي مەڭگۈ.
77 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-17 11:26:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|