جانسىز سۈرىتىڭ
ئايرىلغىلى بولدى خىلى كۆپ ،
مەن سىنى سىغىندىم، يەنە بىر قىتىم.
ئەلبۇمدىكى جانسىز سۈرىتىڭ ،
جاۋاپ بەرمەس كۆرسەم مىڭ قىتىم.
ئايرىلغىلى بولسىمۇ ئۇزاق ،
ساقلاپ كەلدىم سۈرەتلىرىڭنى.
نىچۈن مىنى قويدۇڭ ھىجراندا ،
كىمدىن ئالىمەن بۇ دەتلىرىمنى.
چۈشكەنتۇق بىر چاغدا بىللە ياندىشىپ ،
ئەزىزەم نىچۈن بىز كەتتۇق ئايرىلىپ.
قارىسام چىرايىڭ تەبەسسۇم نۇرلۇق ،
كەتتىمۇ ياكى سىنى دۈشمەن ئازدۇرۇپ.
سىغىنىشىمغا جاۋاپ ئەمەس سۈرەتلىرىڭ ،
ئېلىپ قۇلۇمغا سىلاپ ئاستا يۈزلىرىڭنى.
تاتلىق ئىدى ئەشۇ چاغدا خىياللىرىڭ ،
ۋەدە بىرىپ تۇتقۇنۇمدا قوللۇرۇڭنى .
كۈنلەر ئۈتۈپ ئايلار ئۈتۈپ مىنى سىغىنساڭ ،
ۋىسالىمىزغا يىتەرمىز رەببىم خالىسا .
پورتىمالىمغا سېلىۋالاي گۈلۈم قۇشۇلساڭ ،
گۈل نىگارىم دەيمۇ بىراۋ سورىسا.
2015.يىلى 10.ئاينىڭ 3.كۈنى
قەلەمدە ،ئوسمانجان مەمەت
ئۈندىدار نۇمۇرى : 18709922193
327 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-3 19:00:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|