ئۇستاز ئابدىرىھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەپ
— باي شۇ چاغلار……
*
مىللەت كىچىسىدە تولۇن ئاي ،
دىل دېڭىزىغا دۇردانە،
قېلىپ قالغان ئىزلىرى ،
ئەل يولىغا نۇرانە.
*
ھەق كۈيلىرى بۇلۇتتەك ،
يامغۇر تۆككەن چۆللىگە ،
چىنلىق قۇشى سايرىغان ،
ئۇنىڭ گۈلزار كۆڭلىگە.
*
مۇھەببەتنى رەڭ قىلغان ،
ئەقىدىلىك قەلەمگە،
مىننەتسىزلا قارىغان،
بۇ ئۆتكۈنچى ئالەمگە.
*
مۇھەببەتلىك يۇرەكلەر،
سېغىنىشلار گۈلدەستە،
ئابدىرىھىم ئۆتكۈر دەپ،
ئەل-خەلىقنىڭ قەلبىدە.
مىھرۇ-ۋاپا داستانى،
بىزگە قالدى ئۈلگىدە……
(ئۈندىدار)bay2127
139 قېتىم كۆرۈلدى | باي شۇ چاغلار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-5 21:56:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|