كۆزۈمدا ياش يۈرەك ئەلەمدە،
ئانام ئۈچۈن قۇلۇم قەلەمدە.
مەن بارغىچە ھويلا ماتەمدە،
رازى بولغىن بالاڭدىن ئانا.
مانا بۈگۈن خەۋىرىڭ كىلىپ،
ھۇجۇدۇمغا خەنجەر سانجىلىپ.
يىشىم قۇردى چۆلگە ئايلىنىپ،
رازى بولغىن بالاڭدىن ئانا.
قانماي تۇرۇپ ئانا مىھرىگە،
قالدىم جۇدۇن قىشنىڭ قەھرىگە.
غېرىپ ھېسلار چىلار مەيلىگە،
رازى بولغىن بالاڭدىن ئانا.
سەنسىز ھايات ماڭغا قاراڭغۇ،
جۇدۇنلاردا باغلار غازاڭغۇ.
يالغۇز قالغان غېرىپ بالاڭغۇ ،
رازى بولغىن بالاڭدىن ئانا.
باللاڭ ئۈچۈن ھەمىدىن كىچىپ،
داغ يەردىمۇ زارلىماي يىتىپ.
كىتەرڭدە پەرزەتكە بىقىپ ،
رازى بولغىن بالاڭدىن ئانا.
جەننەت ماكان بارارىڭ بولسۇن،
قەبىرلىرىڭ نۇرلارغا تولسۇن.
دۇئا قىلاي روھىڭ شاتلانسۇن،
رازى بولغىن بالاڭدىن ئانا.
ئاپتورى:فارۇق ئابلىكىم
225 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-29 3:53:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-17 3:12:52 | دىلدارقىز |
بەك ياخشى يىزىپسىز قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،قەلىمىڭىز كۈچلۈككەن رەھمەت سىزگە |
2015-7-29 10:47:01 | muslim |
bak yahxi yiziliptu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|