دوسىتقا نەسىھەت
ئەتراپىمدا كۆڭلۈم سۆيگەن ،
دوسلىرىم بار يۈرەكتە ئاداش .
تەسۋىرلىسەم ھەممە كۆيگەن ،
ھايات قىيماس كۆزلەردە ياش .
مەن كەتسەم ئەجەل كىلىپ ،
دوستۇم قولدا مىيىتىم ئۇزار .
دۈشمەنلىرىم تىلىقىپ كۈلۈپ ،
ئارزۇ -ئارمان پەلەككە توزار.
مەن كەتسەم ئەجەل كىلىپ ،
يىقىلمىسۇن تۆۋرىكىم دادام.
سەۋىرلەرنى بۇلاقتىن قىلىپ ،
يوقلاپ بارغىن ئامانمۇ ئانام .
تەقدىرىمنىڭ گىرەسى بولغان ،
تۆت تاملىرى قاراڭغۇ زىندان .
بۇ گىرەدىن كىملەر قۇتۇلغان ،
تاملار ئىچىرە ياتىمەن پىنھان .
تاملار ئىچىرە ياتىمەن ئۇزاق ،
يىللار ئەمەس ئەسىرنى ھالقىپ .
يىڭىدىن مايسىمەن ۋەياكى تۇپراق ،
ئۆسىمەن قايتىدىن تۇپراقنى يارقىپ .
تۆتتام چوڭ ئۆي ئىچىدە بىرى ،
يەنە كىملەر بۇ ئۆيگە مىھمان .
كۈتىدۇ كەلگەننى يەكلىمەي نىرى ،
بىلگىنكى ئىنسانغا بۇئۆي سايىپخان .
ئابلىتىپ توختاسىن
2015-يىلى 7-ئاي كۈنەس
133 قېتىم كۆرۈلدى | ablitip | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-15 0:32:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|