بالىلىققا قايىتسام دەيمەن
مەمەتجان سەمەت
ئەجەپ گۈزەل بىر چاغلار ئىكەن،
ئويلاپ باقسام بالىلىق دىگەن.
بەك سېغىندىم شۇ كۈنلەرنىمەن، بالىلىققا قايىتسام دەيمەن.
ھېچ نەرسىدىن يوق مېنىڭ غېمىم،
سەبى ئوماق شۇ گۈدەك چېغىم.
نەدە قالدى مەن تاپالمىدىم،
بالىلىققا قايىتسام دەيمەن.
ئانام مېنى پەپىلەپ باققان،
ئەللەيلىتىپ ئۇخلىتىپ ياتقان.
ئاق سۈت بىرىپ باغرىغا باسقان،
بالىلىققا قايىتسام دەيمەن.
دوسلار بىلەن قوغلىشىپ يۈرگەن،
تالچىۋىقنى ئات ئىتىپ مىنگەن.
كىم يامان دەپ بەيگىگە چۈشكەن،
بالىلىققا قايىتسام دەيمەن.
تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار : qq1165181317
مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇقادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
338 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjan520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-1 9:41:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|