غازاڭ ھەققىدە
باھارگۈل ئىبرايىم
يەرگە چۈشۈپ غازاڭلار،
زىرىككەندەك دەرەختىن.
راھەتلىنىپ ياتاتتى،
ھوزۇر ئېلىپ تۇپراقتىن.
شامال چىقىپ تۇيۇقسىز،
ئۇچرۇپ كەتتى نەگىدۇر.
غازاڭ ئەمەس ئۇچۇرغان،
ھاياتلىقنىڭ بەرگىدۇر.
شىلدىرلاشتىن غازاڭلار،
جىمىپ قالدى ئاخىرى،
يىتىپ ئارزۇ - ئارمانغا،
يىشىلگەندەك خۇمارى.
شىلدىرلىغان غازاڭنىڭ،
يوقتۇر غەيرى خۇمارى.
ئۆتكىنىنى ۋاقىتنىڭ،
بىلدۈرۈشتۇر شۇئارى.
چىقتى مانا زەر قۇياش،
نۇر چاقنىتىپ سامادا.
ئۇچۇشمىدى غازاڭمۇ،
شىۋىرلىشىپ ھاۋادا.
قايتسا قۇياش ئورنىغا،
ئېلىپ كىلەر سۈكۈتنى.
بارچە ئەلگە ئەسلىتىپ،
ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇتنى.
ئۆتۈپ كىتىپ جىممىدە،
ئالتۇن تونلۇق پەسلمۇ.
ئايان بولدى سەزدۈرمەي،
ئاپپاق قارنىڭ ۋەسلىمۇ.
ئېغىر تىنىپ تەبىئەت،
چېچپ قاردەك ھىسلارنى.
ئەسلەتمەكتە ھەممىگە،
ئۆتكەن ھەر بىر ئىشلارنى.
ماتەم تۇتۇپ دەرەخمۇ،
«چىللە»دىكى تۇمانغا.
تىلەك تىلەر سۈكۈتتە،
ئۇيقۇدىكى جاھانغا.
باھار كەلسە ئىتتىكرەك،
سالساق ئاپپاق خالاتنى.
بىخ چىقارساق غازاڭلار،
داۋام ئەتسە ھاياتنى.
بولدىمىكىن ئىجابەت،
دەرەخلەرنىڭ تىلىكى.
بىر سېزىمدىن ئىللىدى،
نوتىلارنىڭ يۈرۈكى.
«چىللە» مۇ ئۇزاپ تامام،
كەلدى نەۋرۇز يىل بېشى.
خۇشلۇقتا ھەر جايلاردا،
قاينىدى نەۋرۇز ئېشى.
ۋىلىقلاپ كۈلدى شۇ چاغ،
تۇيۇنغاچ سۇغا جاھان.
مەمنۇن بوپ بۈگۈن مانا،
سالدى قوش يەرگە دېھقان.
رەڭلىك بەلباغ باغلىشىپ،
كەلگەچكە چىچەك-چوكان.
چۆمدى ئەمگەك كۈيىگە،
ئېتىز-ئېرىق،باغۇ-بوستان.
ئەمگەك مىھرىنى ئېلىپ،
كەلگەندە گۈزەل يازمۇ.
ئالدى ئىلھام بۇنىڭدىن،
قېرى-ياش،سەبى قىزمۇ.
خۇشپۇراق چېچىپ گۈللەر،
ھىد بەردى ياز پەسلىگە.
خۇشلۇقتىن جانلاندى تەن،
يەتكەندەك يار ۋەسلىگە.
تۇيدۇرماستىن ياز ئۆتۈپ،
كەلدى يەنە سېخى كۈز.
بەزەن غازاڭ سارغايدى،
بەزەنلىرى قىزىل يۈز.
ئۇچراپ غازاڭ تاللاشقا،
تاللىدى ئۇ چۈشۈشنى.
مۇھىم بىلگەچ ئەزەلدىن،
يېڭى ھايات باشلاشنى.
غازاڭ بىلسە ۋاقىتنى،
ئىنسان تۇرۇپ بىلمىدۇق.
غازاڭچىلىك بولالماي،
ۋاقىتنى ئۇتالمىدۇق.
2015-يىل5-ئاپرىل باي
179 قېتىم كۆرۈلدى | باھارگۈل ئىبرايىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-30 23:54:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|