جاۋاپ بەر ھايات
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
گۈلسۇنۇپ كەلدىڭ ھايات،خۇشبولوپ ئالدىم پۇراپ،
ئۇچ دىدىڭ ، بەرىدىڭ قانات، ئۆزگىلەر قالدى قاراپ.
كۈلدۈرۈپ كۈلكە بەردىڭ،كۈلكەم ياندى چوغ بولوپ،
سەن بلەن كۈلدۈم خۇشال،غەم قايغۇمۇ كەتتى تاراپ.
ئەمدى بوي پاكار ئەمەس، مەندە بۇ قامەت تاغ كەبى،
ئوت بولوپ كۆيىگەچ يۈرەك،گۈلخان كەبى لاۋىلدراپ.
ساڭا كۆيمشىم راستۇر، بىلىپ يەتسەڭ بۇ ھالىمنى،
ئوتلرىم پەۋەسكە ياندى،يۈرەكمۇكۆيدى يالقۇنجراپ.
ئشقىڭدا بولوپ بىتاپ،سۆيگۈ سوراپ، سۆز ئەيلسەم،
دىلىم كۆيۆك، تىلىم بوغۇق، پەرۋاسز كۈلدۈڭ قاراپ.
كۈلشڭگە ھەيران ئەمەسمەن،بىرنەزەرسالساڭ ئىدىڭ،
ئول جەبېىرە ۋسالى نە،مەشۇغۇڭ قالدى ھالسىراپ.
كۆز ئىچىپ ئەقىل تىپىپ، سۆيگىنىم بىرسەن تۇرۇپ،
كۆڭلۈمنى يەرگە ئۇرۇپ،ھالمنى سەن قلىدىڭ خاراپ.
غىرپلق دەشتىدە سەرسان، بولوپ پارە يۈرەك لەختە،
جۇدالىق بى قارار ئالدى، ئىچەلىمەي خۇشبۇي شاراپ.
تەنگە يەتكەن بۇمالامەت،ئەسلى ئۇ ھىچگەپ ئەمەس،
پەرۋاسز ئەزىدىڭ يۈرەكنى،دىل پەرشان يغلامسراپ.
ئاھ ئۇرۇپ ئۆتكەنلىرىمنى، ئويلىسام ئاچچىق يۇتۇپ،
ئاشىقسىز مەشۇق بولوپ، چەكتى كۆپ قەلبىم ئازاپ.
قىنى سەندىكى چىن ۋاپا؟!!!كۆڭۆل-دىل ئارامىچۇ؟
سەن ئارام تاپقۇز مىنى،چىن ھەقىقى بەرگىن جاۋاپ.
2017-يىلى 18-ئاپىرىل (قارىتاغىز)
161 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمان ئابدۇللا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-18 22:55:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|