قەلبىم ئىزھارى
مۆجىزەم
ھەيرانمەن كۆڭلۈمنىڭ بەڭۋاش كويىغا،
سالدى ئۇ قەلبىمگە غەيرى بىر ھەۋەس .
يۈرۈگۈم ئۆرتەندى ھىجىران ئوتىدا ،
تەكسىز خىيال ئىچىدە ئالالماي نەپەس .
ھەر باقسام شۇ بىر جۈپ قارا كۆزلەرگە ،
دائىملا ئۈمۈدسىز قالار بۇ قەلبىم .
ھىس قلغىنىم ئۇندا باشقىچە مىھىر ،
ئامالسىز قالارمەن ئىيتىشقا سىرىم .
شۇ سەۋەپ تەن بىرىپ تەغدىرگە ھامان ،
پاك مۇھەببەت قەلبىمدە قالدى پىنھان .
ئاياندۇر ئاشىقسىز مەشۇق مەن پەقەت،
بىراق قەلبىم ئاڭا قىلماس پۇشايمان .
پۈتۈلگىنى بولساشۇ پىشانەمگە ،
ئوتلىرىڭ بولسۇن قاتىلى ئۆمرۈمنىڭ .
چۈشەنگىن ئەي جانان كۈلمە مەسخىرلىك،
ئىزھارى بۇشىئىر غىرىب كۆڭلۈمنىڭ.
190 قېتىم كۆرۈلدى | مۆجىزەم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-19 1:31:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|