ۋىسال دەردى
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
نىچۈن يارىم نازىڭ بىلەن مەيلىمنى ئالدىڭ،
مەن قىينالدىم ھىجرانىڭدا نەلەردە قالدىڭ،
ئۆتتى كۈنلەر ،ئۆتتى تۈنلەر يولۇڭغا قاراپ،
ئىيتقىن كىمگە مۇھەببەتنىڭ سازىنى چالدىڭ ؟
كۆڭۈل ئەجەپ بىچارىدۇر سۆيگۈڭ ئالدىدا،
مەن نە قىلاي ،بويۇن قىستىم يىغلاپ دالدىدا،
ئارمان يوقتى جاننى بەرسەم يار قۇچىقىدا،
مەن غىرىپنى سەن كۆيۈكنىڭ ئوتىغا سالدىڭ.
كۆڭۈل بەرسەڭ ۋىسال پەيزى سۈرسەمكەن دەيمەن،
پەرھاد بىلەن شېرىن كەبى يۈرسەمكەن دەيمەن.
مۇشاقەتتە يەڭنى بىللە تۈرسەمكەن دەيمەن،
قاچان بولغاي ماڭا سۆيگۈ ئاسمىنى ئايدىڭ؟!
116 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-7 0:16:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|