سىنى قانداق دادا دەيمەن
ئاپتۇرى سراجىدىن تۇرسۇن
سەبى ئىدىم تاشلاپ كەتكەندە ،
يۈرەگىمنى لەختە ئەتكەندە ،
ئەمدى كەلسەڭ بەختىم كەتكەندە،
كەچۈر! قانداق جان دادا دەيمەن ،
ئۆتتى ئايلار ئۆتتى ھەم يىللار ،
قانماي تۇرۇپ مېھرىڭگە دىللار ،
يۈلەنچۈكسىز سوقتى جودۇنلار،
كەچۈر!قانداق جان دادا دەيمەن ؟
نە سەۋەپتىن زارلىنىپ قالدىم ،
ئاھ دادام دەپ خارلىنىپ قالدىم ،
گاھ يۈگۈردۈم ،يىقىلدىم -ھاردىم ،
كەچۈر!قانداق جان دادا دەيمەن ؟
ئەركەك ئىدىم ئەجداد ۋارىسى ،
جان ئانامنىڭ يۈرەك پارىسى ،
يىتىملىكنىڭ ئەزدى نالىسى ،
كەچۈر!قانداق جان دادا دەيمەن ؟
2017----2---24---كىچە
ئاپتۇرنىڭ ئۇندىدار نۇمۇرى (13070007107)
216 قېتىم كۆرۈلدى | ssssss | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-16 20:26:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|