سۆيگەن بولساممۇ (ناخشا تىكىستى)- ئىرشات مەمەت

سۆيگەن بولساممۇ
(ناخشا تىكىستى)

ئىرشات مەمەت

يۈرەكتە دەرت،كۆزۈمدە كۈلكە،
چاندۇرمايمەن ئازاپ چەكسەممۇ.
مەيلى كەتسەڭ كىتىۋەر جانان،
بەخىتلىكمەن سەنسىز يۈرسەممۇ.

بولۇپ قالدىم ۋىسالسىز ئاشىق،
يۈرەگىمدىن سۆيگەن بولساممۇ.
خالىساڭ گەرقىلاتتىم ھەممە،
گەرچە ئاينى ئۈزەلمىسەممۇ.

ئازاپلارغا تاشلىدىڭ مىنى،
ئۆزجىنىمدىن ئەزىز كۆرسەممۇ.
بىرەلمەيمەن كۆڭلۈمنى قايتا،
سىنى شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ.

ئۈندىدار 2772259989
     





251 قېتىم كۆرۈلدى 0407520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 15:10:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-20 21:14:38 مەدىنە
بەك ياخشى يېزلىپتۇ👍👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ