نادان قىزغا
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
يۈرەكلەرنى دەز قىلىپ،كىتەر ئىكەن تۇيۇقسىز،
زۇۋان سۈرمەي زادىلا،سۆيمىدىغۇ نادان قىز،
ساچلىرىڭنى ئوينۇتۇپ،چىراي ئاچماي تۇرغاچقا،
چىدىمىدىم قېينىلىپ،ئازارلىدى رەھىمسىز.
بىرەلمىدى ئەقىدە،تۇرىۋېلىپ ياتسىراپ،
سۆيگۈ يوقمۇ بىلمىدىم،مادار يوقتۇر ھالسىراپ،
ياشلىق چېغى بەك قىسقا،سالما ئاچچىق دەرتلەرنى،
ئۇۋالىمغا قالىسەن،رەقىپلەردىن گۈل سوراپ.
كۈلۈپ قويغىن ھاياتقا،ئارتۇق ئەندىش قىلمىغىن،
مەندەك غېرىپ پىراققا،يەنە ئازاپ سالمىغىن،
قىشلار كېتىپ ياز كەپتۇ،گۈللىرىڭنى پەرۋىشلە،
ئېزىپ يۈرمە بولدى بەس،ئەقىدەمنى ئويلىغىن.
چىن يۈرەكتىن گۈل سۇنسام،ئازغۇنلۇقتا رەت قىلما،
سېغىنىشتا چارچىدىم،ئەمدى مېنى قېينىما،
يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ،ئۆلۈپ كەتمەي بىھۇدە،
تۇرىۋېلىپ سۈكۈتتە،قەلىبلەرنى ياتلىما.
ھەي نادان قىز،لېۋەن قىز،ئۇچۇپ كېلىڭ بىر قېتىم،
مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز،ئۆلۈپ كەتمەي بىل جېنىم،
سۆيگۈمىزنى قەدىرلە،مېنى مۇنچە ئازاپلاپ،
ئېشقى ئوتى پىراقتا،غېرىپسىنىپ قېينالدىم.
ئەزرائىللار بىلمىسۇن،ئىككىمىزنىڭ دەردىنى،
ئەل-خالايىق سەزمىسۇن،يۈرەكتىكى غەشلىكنى،
خوش دېمىگىن لېۋەن قىز،سالما ئارتۇق ئازاپلار،
بىلىۋالغىن بېغەم قىز،يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى.
ئەمدى كەتمە يېراقلاپ،قايتا ئازار سالمىغىن،
كۈتىمەنغۇ بىر سېنى،ئەمدى ھەرگىز ئازمىغىن،
تۇرىۋالماي ياتسىرەپ،ھېدلىرىمنى پۇرىۋال،
ئۆلۈپ كەتسەم بىر كۈنى،قەبرەم ئىزدەپ قالمىغىن.
150 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-22 12:51:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|