ئاتۇش مۇناقى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
تاشلىق زىمىن ئاتۇشنىڭ ، ئىسسىق بولغاچ ھاۋاسى ،
ئىشچان خەلقىم بەك ئىللىق ، ھەممە يەردە ساماسى ،
سورىشىدۇ مۇناقى ، كەلسە مېھمان ئاتۇشقا ،
ھەممە يەردە ئۈزۈمزار ، بوش قالمىدى سالاسى .
ساپاقلىسا مۇناقى ، قاماشتۇرار كۆزلەرنى ،
قىلىپ مېھمان ئىنتىزار ، سېغىندۇرار بىزلەرنى ،
مەرى ئىسسىق مۇناقى ، زادى قاچان پىشۇرسەن ؟
لەۋلىرىمنى چەكتۈرمە ، تويۇندۇرغىن ھېسلارنى .
پىشىپ قالسا مۇناقى ، ئۈزۈپ قويما شېخىدىن ،
ھوزۇرلۇنۇپ مېھمانلار ، ئۈزۈپ باقسۇن بېغىدىن ،
مۇناقى بەك شېرىندۇر ، كىلۇر ھەممە يىگۈسى ،
ئاسماقلىسا ناۋادا ، كۆزنى يەيدۇ يېغىدىن .
تېزرەك پىشقىن مۇناقى ، تاقەت بولدى كۆزىمىز ،
مۇناقىنى شېخېدىن ، مېھمانلارغا ئۈزۈمىز ،
ئىشتىھادا زوقلۇنۇپ ، ھوزۇر ئالسۇن مېھمانلار ،
خۇشال بولۇپ زوقلىنىپ ، ئەجرىمىزدىن سۆينىمىز .
كاپ-كاپ يۈتۈپ چاينىشىپ ، ھوزۇرلانسا مېھمانلار ،
ئاتۇش خەلقى خوش بولۇپ ، دىلدا قالماس ئارمانلار ،
ئۇچۇر بېرەي مېھمانلار ، پىشتى ئاتۇش مۇناقى ،
تېزرەك كېلىپ يەپ كېتىڭ ، بېرەر شۇنچە ھوزۇرلار .
يۇرتىمىزنىڭ مۇناقى ، مىۋېلەرنىڭ شاھىدۇر ،
تېتىپ باققان كىشىلەر ، تائەبەتكە قايىلدۇر ،
شۇنچە شېرىن ھەم تاتلىق ، ئېغىز تېگىڭ پىشقاندا ،
قەدىرلىگەچ دوستلۇقنى ، ساھىپخانلار رازىدۇر .
ئاتۇش خەلقى ئىللىق دەپ ، ھەممە شۇنداق ئاتاشقان ،
شېرىن مۇناق ئۈزۈمى ، ھويلىلارغا ياراشقان ،
كەلگىن دوستلار بىر قېتىم ، مېھمان بولۇپ يۇريۇمغا ،
مېھمان كەلسە خەلقىمىز ، ساھىپخانلىق تالاشقان .
26 قېتىم كۆرۈلدى |
turhun |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-5-26 17:31:03 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ