ئابدۇرەشىتخان پالۋانغا مەدىھيە
ئېھسان(ئاۋات)
نامە يازغۇم كەلدى مىنىڭ پالۋانغا،
ئەل-ۋەتەندىن ئىسىل دۇئا ئالغانغا.
ھەملە قىلىپ كەلسىمۇ گەر رەقىبى،
ئىكىلەنمەي مۇش-پەشۋانى ئاتقانغا.
بولغاچ ئۇندا شىردەك يۈرەك جاسارەت،
باش ئەگمەيدۇ ئىگىسىدىن باشقىغا.
تەبرىك يازماي يۈرسەم بەكمۇ قاملاشماس،
ئون ئىككى رەت ئالتۇن مىدال ئالغانغا.
قاۋۇل تەقى-تۇرقى ئۇنىڭ تىپىك مىسالى،
«تەڭرى تاغنىڭ يىلپىزى» دەپ نام ئالغانغا.
ئەل-جامائەت قويماس يىلپىز نامىنى،
ئۆزى كىچىك شادا پاقالچەك تايغانغا.
يازسام يازسام تۇگىمەيدۇ بۇ ماختاش،
ئۇيغۇرۇمنىڭ پالۋانى دەپ نام ئالغانغا.
ماختاشلىرىم ھەرگۈز ئارتۇق بوپ قالماس،
چۈنكى ھېچ قاتمىدىم مەن راستنى يالغانغا.
2015/16 ئاۋغۇسىت (چىڭقى چۈش - دىيارى ئاۋات)
ئۈندىدار 1410037590/ihsan571633
238 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan571633 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-16 23:56:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-17 9:28:02 | ئايشەمگۈل |
بەك ياخشى يېزىپسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|