ۋەتىنىم دەيمەن
رۇشەنگۈل مۇھەممەت(مودەن)
ئۆزگە يۇرت تاجى يەتمەس،ئېسىل ئىلىم ئۇلتانى دەيمەن،
ئەللەك ئالتە ئۆستى گۈللەر،ۋەتەن باغ بوستانى دەيمەن.
ئانار دانىسى سەن ھەم مەن،تىزىلدۇق بىر گۈزەل رەت-رەت،
جىپلىشىپ ھەم جىرلىشىپ،بىر گۈزەل گۈلشەنى دەيمەن.
كۆز تەگمىسۇن مۇنچاق ئاساي ۋەتىنىم بوينۇڭغا بىر،
شۇ ۋەتەن قوينىدا ئۆستۈم كۆڭلى توق روشەنى دەيمەن.
ئاسمىنىڭ لاچىن بولۇپ ،كۆكتە پەر قاقتىم بۈگۈن،
سۈپسۈزۈك ئاسمان مىنىڭ خۇش ئۆيۈم سەيلانى دەيمەن.
سىنىڭ قوينۇڭ ئىللىق ماكان،بىر گۈزەل ئەزىم دەريا،
شات كۈيۈم ھەريان چېچىلسۇن،زەر ياقۇت فونتانى دەيمەن.
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
153 قېتىم كۆرۈلدى | modan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-12 19:21:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|