ئايلاندىم
.
رۇشەنگۇل مۇھەممەد (مودەن)
سەھەر كەلدىم زىيارەتكە مازارىڭدا ئايلاندىم،
يېنىمدا بولمىغاچ سايەڭ بارزارلاردا مۇڭلاندىم.
يېقىپ باغرىمنى تۇپراققا تۆكەرمەنمۇ ھالىمنى،
ئىگىلدى باشلىرىم يادەك دىلى سۇنۇققا ئايلاندىم.
قىيان ئاقماقتا بۇ ياشلار كۆزۈم نۇرى ئۆچەي دەيدۇ،
ھىجراندا كۆيەر يۈرەك ئۆزۇم سەۋداغا ئايلاندىم.
شاتلىقىم ئاتام ئىدىڭ، ئاناممۇ مۆكتى تۇپراققا،
يۈرەكتە داغ ئەلەم قالدى تىرىك موردىغا ئايلاندىم.
جۈپ قەۋرىدە تەمتىرەپ تېكى قىلايمۇ قەبرەڭنى؟
ياتارغا ئۆيلىرى يوقتەك يەنە شەيىخكە ئايلاندىم.
تىرىك گەۋدەم مەئىشەتنىڭ، ئامالسىز جان تىرىكچىسى،
يىتىملىكتە يۈرەك ئۆلدى، ئۆزۇم دەرۋىشكە ئايلاندىم.
قەبرەڭدە تۈنەپ تۇنلەر، دۇئاغا قول كۆتۇرگەندە،
تىلەيمەن تىلەك مىڭلاپ يەنە سەرسانغا ئايلاندىم،.
تاملاردا تۇرار سۈرەت، قىلالمايدۇ بىرەر سۆزنى،
ئاسماندا بۇلۇت تۆككەن قارا يامغۇرغا ئايلاندىم.
پىراقىڭدا بولۇپ سەرسان كېزەرمەنمۇ باياۋاننى،
ئوتۇڭدا مەن كۆيۈپ سايراپ، يەنە بۇلبۇلغا ئايلاندىم.
تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
257 قېتىم كۆرۈلدى | modan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-28 0:43:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|