قەلەم ۋە شائىر
ئابدۇقادىر جالالىدىن
قەلەم، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نومۇس بەكمۇ يامان، زاۋالىمنى بەر!
چىلاپ سېنى تۈندەك قارا سىياھقا،
سىزاي چۇغلۇق گۈلى مۇڭلۇق دىللارغا.
ئېرىپ سەندە بوغدانىڭ ئاپپاق قارلىرى،
ئەگىز بولۇپ شارقىراپ كىرسۇن تىللارغا.
قەلەم قەلەم ئەمەس، مىسالى ئەلەم،
ئۇنىڭ ھىممىتىگە بويسۇنار ئالەم.
جاھان تەسۋىرىنى يورۇتۇپ ھەردەم،
ئۆزىنى قايتىدىن ياراتتى ئادەم.
ھاكىم بىلەن دېھقان تەڭدۇر قەلەمدە،
پادىچى ۋە دانا ئوخشاش مۆجىزە،
پاشىنىڭ ئۆلىمى تەڭداشسىز ماتەم،
ھايات تەبىرىگە ئەگەر ئەرزىسە.
شائىر كۆرسە توڭلاپ تىترىگەنلارنى،
قىپقىزىل قېنىنى ئوت قىلىپ چاچار.
ئۆزگىلەرگە بېرىپ گۈزەل ئەركىنلىك،
ئۆزى تۇتقۇنلۇقتا ئۆرتىنىپ ياتار.
قەلەم، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نومۇس بەكمۇ يامان، زاۋالىمنى بەر!
190 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-31 0:17:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|