ھۆرمەتلەيلى دېھقاننى
مەمتىمىن تۇرسۇن
شۇ دېھقان بولمىسا قانداق قىلارمىز،
ياشاشقا ئاش-ناننى نەدىن تاپارمىز.
بولمىسا گەر دېھقان رېئال دۇنيادا،
ھەممە تەڭ يىلاندەك ئىڭراپ ياتارمىز .
ئىسسىق جۇدۇنلار سۆڭەكتىن ئۆتسىمۇ،
شۇ لايىق ئەجرىگە ھۇسۇل ئالسىمۇ .
ئەكسىچە ھۇسۇل يوق جاپا تارتسىمۇ،
شۇ دېھقان ۋايسىماس ئاچ-توق قالسىمۇ.
دىلىدا بار ئۇنىڭ پاك ھەم ساپ نىيەت،
تارتسىمۇ كۆپ جاپا قىلمايدۇ مىننەت.
ئەل ئۈچۈن ھەردايىم سۇنىدۇ نىئمەت ،
جاپاكەش دېھقاننى قىلايلى ھۆرمەت .
ھۆرمەتلەيلى دېھقاننى دېھقانمۇ ئادەم ،
دېھقانسىز بۇ ھايات ھەر كۈنى ماتەم.
شۇ دېھقان بولغاچقا ئۇشبۇ دۇنيادا،
بولىدۇ ھەممىگە ھەر كۈنى ئايەم .
138 قېتىم كۆرۈلدى | مەمتىمىن تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-29 12:18:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|