ئايال بىلەن
باھارگۈل ئىبرايىم
ئايال بىلەن چۆللەر بۇلۇر باھاردەك،
ئايال بىلەن قارا تۈنلەر كۈندۈزدەك.
ئايال بىلەن ئۇنتۇلىدۇ كەچمىشىڭ،
ئايال بىلەن باقار ھايات ھۆر قىزدەك.
ئايال بىلەن قۇت بۆشۈكىگە بۆلەنگەن،
ئايال بىلەن كۈنلەر ئايەم بىلىنگەن.
ئايال بىلەن ئۆزگىرەيدۇ تەقدىرىڭ،
ئايال بىلەن خۇش پۇراقلار سىپىلگەن.
ئايال بىلەن ئوڭ بولىدۇ ھەر ئىشىڭ،
ئايال بىلەن ئىللىق بولۇر قار قىشىڭ.
ئايال بىلەن تەنگە قۇۋەت بېغىشلاپ،
ئايال بىلەن سىڭىشلىكتۇر شۇ ئېشىڭ.
ئايال بىلەن ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ،
ئايال بىلەن نۇرلىنىدۇ كۆزلىرىڭ.
ئايال بىلەن ئاسانلىشىپ تەسلىرىڭ،
ئايال بىلەن چىچەك بۇلۇر چايلىرىڭ.
يازسام-يازسام تۈگىمەيدۇ بۇ ھەقتە،
يازغانلىرىم يالغىنى يوق نەق گەپلە.
ئىشەنمىسەڭ سىناپ كۆرگىن قېرىنداش،
ئايال بىلەن ئايرىم ياشاپ بىر ھەپتە.
2015-يىل28-ئىيۇل باي چوڭكۆۋرۈك
151 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-14 1:38:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|