ئۇكام بار
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجامنىڭ <ئاكام بار> ناملىق شىئىرغا مۇشائىرە
ئىمام مۇھەممەت ۋولقان
ئۇكام دىسەم لەببەي دەپ سەكرەپ تۇرار ئۇكام بار،
مىنى ھەر چاغ ياد ئىتىپ ئەسلەپ تۇرار ئۇكام بار .
ئازار يەتسە بىراۋدىن بوزەك ئەتسە زوراۋان ،
ئاڭا قىلىچ بوينىغا تەڭلەپ تۇرار ئۇكام بار .
ئاشماق بۇلۇپ تاغ داۋان چىقىپ قالسام سەپەرگە ،
تۇقۇپ ئاغماق ئېتىنى تەقلەپ تۇرار ئۇكام بار .
قايتىپ كەلسەم سەپەردىن ئۇسسۇزلۇقتا ئاشلىقتا ،
قىلىپ شورپا داستىخان نەقلەپ تۇرار ئۇكام بار .
چۈشسە ئەگەر بېشىمغا ئېغىر كۈلپەت ئازارلەر ،
غەملىرىمنىڭ غېمىنى غەملەپ تۇرار ئۇكام بار .
ھەممىمىزدە بار ئەجەل كىتىپ قالسام دۇنيادىن ،
ھەر كۈن تۇپراق بېشىمدا دۇئا ئەيلەپ ئۇكام بار .
220 قېتىم كۆرۈلدى | wolkan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-29 1:57:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-1 9:55:04 | غۇلجام |
مەمنۇن بولدۇم رەھمەت قېرىنداشلارنى مەدىھلەش مىھرى مۇھەببەتنىڭ يۈقىرى پەللىسى |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|