كىلەلمىدىڭ مەن ئۇنتۇلغان ئوخشايمەن
شاۋكەت
كەلگىڭ بولسا كىلەر ئىدىڭ كۆرگىلى،
كىلەلمىدىڭ مەن ئۇنتۇلغان ئوخشايمەن.
سۆيگۈمىزگە چىكىت ئۇردۇڭ ئاخىرى ،
كىلەلمىدىڭ مەن ئۇنتۇلغان ئوخشايمەن.
كۈتكۈنۈم بار يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ،
ساداقەتلىك يۈرىگى بار دەپ كۆرۈپ .
ئاقىۋەتتە لەۋ چىشلىدىم ئۆكۈنۈپ،
كىلەلمىدىڭ مەن ئۇنتۇلغان ئوخشايمەن.
ئەسكە چۈشەر دائىم شىرىن كۈنلىرىم،
شۇ سەۋەبتىن بەكمۇ مىسكىن كۈيلىرىم .
بوران سوقتى،سۇلدى قىزىل گۈللىرىم،
كىلەلمىدىڭ مەن ئۇنتۇلغان ئوخشايمەن.
سەن يوق كۆنۈش ماڭا ئەجەپ تەس بولدى،
دەرتلىرىمگە يەنە نۇرغۇن دەرت قوندى.
قېنى باھار، كۈتىۋالدىم جۇدۇننى،
كىلەلمىدىڭ مەن ئۇنتۇلغان ئوخشايمەن.
2015-8-20
200 قېتىم كۆرۈلدى | شاۋكەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-21 1:27:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|