يالغۇز كېچىلەر
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
جىمجىت يەنە يالغۇز كېچىلەر،
چىرايلاردىن غەمكىنلىك تۈكىلەر.
ئەسلىمەمدىن ۋاراقلاپ سىنى،
كۆزلىرىمگە ئاچىق ياش كىلەر.
جىمجىت يەنە يالغۇز كېچىلەر،
يىگانە ئايغا ھەمرا يۇلتۇزلەر.
مىنىڭ يايرىم كۆزۈمدىن يىراق،
قېنى ئايرىلمايمىز دىگەن ۋەدىلەر.
جىمجىت يەنە يالغۇز كېچىلەر،
ئۇچۇپ كىلەر شىرىن خىياللەر.
يېنىپ كەلسىكەن بىللە ئوينىغان،
بالىلىقتىكى شۇ غەمسىز كۈنلەر.
جىمجىت يەنە يالغۇز كېچىلەر،
شاتلىق جىلۋىسى يىراققا كىتەر.
ماڭا دىگەن زەھەردەك سۆزۈڭ،
قاچانمۇ سىنىڭ تىلىڭدىن تۈگەر.
جىمجىت يەنە يالغۇز كېچىلەر،
بۇ دەتلىرىمنى كىممۇ چۈشىنەر.
بەرگەن ئازارىڭ ئازكەلگىنىدەك،
توختا·بولدى بەس ماڭا بۇ يىتەر.
2015-يىلى07-ئاينىڭ22-كۈنى
146 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-8 0:54:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|