ئاياللارنى قەدىرلەڭلار ئەركەكلەر
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
كۆڭۈل بەرگىن ئاجىزلارغا ئەركەكلەر ، خۇشاللىقتىن يايراپ باقسۇن ئاياللار ،
سۆيگۈ بەرگىن ئاجىزلارغا ئەركەكلەر ، مۇھەببەتتىن ھوزۇرلانسۇن ئاياللار ،
ھەمراھ بولغىن ئاجىزلارغا ئەركەكلەر ، ئىللىقلىقتىن ئىللىپ قالسۇن ئاياللار ،
كۈلكە بەرگىن ئاجىزلارغا ئەركەكلەر ، شاد - خۇراملىق بىلىپ قالسۇن ئاياللار .
ئازاپلىما دىللىرىنى ئەركەكلەر ، ئۇلار كۈتكەچ ھاياتلىقىڭ مەنىلىك ،
كاۋاپ قىلما يۈرىكىنى ئەركەكلەر ، ئۇلار كۈلگەچ بالىلىرىڭ قەدىرلىك ،
بىتاب قىلما مۇڭلىرىنى ئەركەكلەر ، ئۇلار بىلگەچ تۇرمۇشلىرىڭ تەرتىپلىك ،
خىتاپ قىلما كۈيلىرىنى ئەركەكلەر ، ئۇلار سۆيگەچ ئەۋلادلىرىڭ تەلەيلىك .
ئاجىزلارنى قەدىرلەڭلار ئەركەكلەر ، ئۇلار بولغاچ دۇنيالىرىڭ گۈزەلدۇر ،
ئاجىزلارنى ئېززەتلەڭلار ئەركەكلەر ، ئۇلار بولغاچ ئەتىلىرىڭ رەڭداردۇر ،
ئاجىزلارنى ھۆرمەتلەڭلار ئەركەكلەر ، ئۇلار بولغاچ ئانىلىرىڭ زىبادۇر ،
ئاجىزلارنى چۈشىنىڭلار ئەركەكلەر ، ئۇلار بولغاچ چۈشلىرىڭمۇ شېرىندۇر .
يۈرىكىنى تىڭشىمىساڭ ئەركەكلەر ، تۇرمۇشىڭنىڭ لەززىتى يوق بېلىۋال ،
ئەقىدېنى قىلالمىساڭ ئەركەكلەر ، ھاياتىڭنىڭ مەنىسى يوق بىلىۋال ،
ئىززىتىنى قىلالمىساڭ ئەركەكلەر ، غەپلەتلەرنىڭ ئەلچىسى يوق بىلىۋال ،
ۋاپادارلىق قىلالمىساڭ ئەركەكلەر ، كۈنلىرىڭنىڭ ئەھمىيتى يوق بىلىۋال .
68 قېتىم كۆرۈلدى |
turhun |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-6-5 22:31:24 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ