مۇھەممەدجان راشىدىن ئۇستازغا
ئەل سۆيگەن ۋە ئەلنى سۆيگەن شائىر مۇھەممەدجان راشىدىن ئۇستازنىڭ بۈگۈنكى77ياشقا كىرگەن قۇتلۇق تەۋەللۇت كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!!! مېھىرنىسا قۇربان ئۆرۈلۈپتۇ ئۆمۈر بېتىڭىز، قوشۇلۇپتۇ يىڭى يېشىڭىز، تىلەپ كەلدىم مەنمۇ ھەم سىزگە، ئامان ئېسەن بولسۇن بېشىڭىز. يەتمىش يەتتە ئۆتۈپتۇ باھار، ياغدى يەنە يەتمىش يەتتە قار. ئۆتسۇن ھەر بىر كۈنىڭىز ئەمدى، خاتىرجەملىك بولۇپ مەڭگۈ يار. يېزىشىڭىز توختاپ قالمىسۇن، ئۈزۈلمىسۇن ئىلھاملىرىڭىز. ئويناپ تۇرسۇن قەغەز يۈزىدە، قولدا تۇتقان قەلەملىرىڭىز. قېزىپ چىققان گۆھەرلىرىمىز، يېزىپ چىققان دېھقانلىرىمىز. ئۆزىڭىزمۇ گۆھەردەك ئىنسان، شۇڭا دەيمىز ئىسللىرىمىز. ياشاڭ ئۇستاز،ياشناڭ ھەر كۈنى، كىسەللەردىن ساقلىسۇن سىزنى. ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن سىزگە، ئارمانلاردا قويماڭ سىز بىزنى. 2017-6-15 غۇلجا شەھىرى



51 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-15 20:02:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ