بالام يۈتتى
كۆزۈم يىغلار ، يۈرەك قاقشار ،
تونوشلارغا سالام يۈتتى .
نىمە بولدى ؟ سوراشتى خەق ،
قانداق قىلاي بالام يۈتتى .
تاڭدىن كىلەر ئاچچىق پۇراق ،
قىينار مىنى تاغدەك سوراق .
ناشتىلىققا نە ئىشتىھا ،
ئەجەپ ئوماق بالام يۈتتى .
قۇياش چىقتى ئەتراپ يوروق ،
سەن چىقمىدىڭ ، ھوجراڭ قۇرۇق .
ئويغىتىشقا كىرەلمەيمەن ،
يۈرەك پارەم بالام يۈتتى .
ئاداشلىرىڭ كىرەر سوراپ ،
دىل باغرىمنى داغقا ئوراپ .
چىقىپ ئوينا دىيەلمەيمەن ،
دىل ھوزوروم بالام يۈتتى .
سۆرىتىڭگە تامار يىشىم ،
گاھ ئەقلىدىن ئازار بىشىم .
لىكىن دورا يىيەلمەيمەن ،
دىلغا داۋا بالام يۈتتى .
كوچىلاردا ئۇچراتمىدىم ،
باشقا بالىنى قۇچاقلىدىم .
باغاش ئىتەي دىسەم لىكىن ،
كۈلۈپ يۈگرەر بالام يۈتتى .
تۇرار غەمكىن ئويونچوقوڭ ،
گاھى ئىدىم مەن قونچوقوڭ .
مىنى ئات قىپ مىنگىن دىسەم ،
سۆيۈپ قويار بالام يۈتتى .
غىزا تارتسام چىنەڭ ئارتۇق ،
يۈرۈكۈمگە سالار تاتۇق .
ئاغزىغا گۆش سالاي دىسەم ،
كاپ ئىتەرگە بالام يۈتتى .
ئايرىغانلار قاناتىمدىن ،
ئايرىلارسەن ھاياتىڭدىن .
كۆكتە كۈلۈپ ئۇچاي دىسەم ،
ماڭا قانات بالام يۈتتى .
چۈشلىرىمگە كىرگەن كۈنۈڭ ،
قۇلىقىمدىن كەتمەس ئۈنۈڭ .
باغاش ئىتىپ ئۇخلاي دىسەم ،
قۇچاقلاشقا بالام يۈتتى .
ئىزىپ بولدوم ھوشومدىن ھەم ،
تونوشلارغا سالام يۈتتى .
ساراڭ بوپتۇ ! سەۋەبىچۇ ؟
جاۋابىمكى بالام يۈتتى .
elzat. 0999..2015/7-3
152 قېتىم كۆرۈلدى | Elzat0999 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-31 17:06:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|